UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى ياش ئەتراپىدىكى بالىلار رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. قېرىنداش، سۇ بوياق قەلىمى قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىپ، قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىشقا ئىنتايىن ئامراق كېلىدۇ. رەسىم سىزىش بالىنىڭ چوڭ مېڭە ئوڭ يېرىم شارچىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، ئاددىي تەپەككۇر خاراكتېرىگە ئىگە. مەسىلەن: يۇمىلاق شەكىل سىزغان بولسا شار، تىك تۆت تەرەپلىك سىزغان بولسا ماشىنا بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ جىسىم ئۈلگىسىگە، ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جىسىمنىڭ سىرتقى شەكلىنى سۈرەتلىگىنىدىن ئىبارەت. ئىككىنچى، بەزى ۋاقىتتا جىسىمنىڭ مەلۇم بىرقىسمنى سىزالايدۇ، ھەممە شەكلىنى سىزالمايدۇ. مەسىلەن: ئانىنىڭ قىياپىتىنى سىزماقچى بولغاندا، ئۇ بەزىدە پەقەت يۈزىنىلا سىزىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، ھەر قايسى مەزمۇنلار ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بىر قەلەم ۋە بىر پارچە قەغەز بەرسىڭىز، ئۇ قەغەزنى ئادەم ۋە ماشىنا بىلەن توشقۇزۇۋېتىشى مۇمكىن، ھەرگىزمۇ بىر ئاساسىي مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان رەسىمنى سىزمايدۇ. رەسىم سىزىش جەريانى ئەمەلىيەتتە شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ ئوبرازىنىڭ قايتا ئايان بولۇشىدىن ئىبارەت. قايتا ئايان بولۇش جەريانىدا، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە بالىلارنى رەسىم سىزىشقا مەشىق قىلدۇرۇشتىكى خاتا تونۇش بالىنى مۇقىم بولغان كۆرسەتمە ئىچىدە رەسىم سىزدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاقىۋەتتە سىزغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئوپ - ئوخشاش بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالىدۇ. بالىلىق تۇيغۇ ۋە ئىجابىي پىكىر كەمچىل بولۇپ قالىدۇ، ئاۋۋال بالىغا ئاساسىي شەكىلنى سىزدۇرۇپ، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان شەكىلنى سىزدۇرۇش، ئاتا - ئانا بالا بىلەن بىرلىكتە رەسىم سىزسىمۇ بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ماتېرىيال، قەغەز، رەخت، تاختاي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بالىنى ئۆزى خالىغانچە سىزىشقا يېتەكلەش، ئومۇمىي كۆرۈنۈش ئاساسىدا رەڭ بەرگۈزۈپ، بالىنىڭ رەڭگە بولغان سەزگۈسىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەڭ بېرىش مەشىقى بىلەن رەڭ سەزگۈ مەشىقىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بالىغا ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىن پايدىلىنىپ خىلمۇخىل قىياپەتتىكى دۇنيانى تەسۋىرلەشنى ئۆگىتىش، بالىلارنىڭ ئىجاد قىلغىنىنى توپلام قىلىپ مىخلاپ، ئۆيگە ئېسىپ قويۇپ، ئائىلە ئەزالىرى ياكى مېھمانلار ئورتاق ھالدا بالىنىڭ ئەسىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بالىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزىقىشىنى قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەرنى سىزىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki