بىر ياشلىق بالىلارغا رەسىم سىزىشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك
نېمە ئۈچۈن
كەلسە - كەلمەس رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بىر ياشلىق بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، قىزىل، يېشىل، كۆك قاتارلىق بىر قەدەر كۈچلۈك رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا، بالىلارغا كۈچلۈك رەڭلىك موم قەلەم تەييارلاپ بېرىش. رەسىم سىزغاندا، ئالدى بىلەن بالىلارغا قەلەمنى توغرا تۇتۇشنى ئۆگىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلى خالىغانچە، قالايمىقان سىزىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار يەنە بىرقانچە تىك سىزىق، يۇمىلاق چەمبەر، ئۈچبۇلۇڭ قاتارلىق ئاددىي نۇسخىلارنى سىزىپ، بالىلىرىنىڭ دوراپ سىزىشىغا قويۇپ بەرسە، بالىلار بۇنى پۇختا سىزالىغاندىن كېيىن يەنە بىر قىسىم قۇياش، ئاي، گۈل، ھەتتا كىچىك ھايۋانات قاتارلىق مۇرەككەپرەك نۇسخىلارنى سىزىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قەلەمنى تۇتقاندا چوقۇم بالىنىڭ مېڭە، كۆز، قوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، توغرا بولغان قول ھەرىكىتىنى چېنىقتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى قاتارلىقلار ياخشى تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.