UyghurWiki
UyghurWikiنەمەجەننەتقۇشى دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق قۇشمۇ؟

جەننەتقۇشى دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق قۇشمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ⅩⅥ ئەسىردە، يىراق دېڭىز سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئىسپانىيىلىك كاپىتان پادىشاھقا بەش دانە تەڭداشسىز چىرايلىق قۇشى تېرىسى سوۋغا قىلىپتۇ، پادىشاھ بۇ قۇش تېرىلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ھاڭ - تاڭ قېلىپ، ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ كېتىپتۇ ھەمدە ئۇنى «جەننەتتىن كەلگەن قۇش» دەپ تەرىپلەپتۇ. شۇنىڭدىن 300 يىل كېيىن، رىس ئىسىملىك بىر ئالىم يېڭى گۋىنىيە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدىن بۇ خىل قۇشنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ كەلگەندىن كېيىنلا، كىشىلەر ئاندىن بۇ قۇشنىڭ جەننەتتىن كەلگەن قۇش بولماستىن، بەلكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا دائىم ئۇچرايدىغان قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. بۇ چىرايلىق قۇشنىڭ جەننەتقۇشى، قۇياش قۇشى، شامال قۇشى، تۇمان قۇشى دېگەندەك ناملىرى بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇش مۇتەخەسسىلىرى ئۇنى جەننەتقۇشى، دەپ ئاتىغان. جەننەتقۇشى قۇشلار ئىچىدە پېيى ئەڭ چىرايىلىق قۇش، شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ داڭلىق تاماشا قىلىنىدىغان قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدىكى پەيلىرى يېشىل بولۇپ، خۇددى يىپەككە ئوخشىشىدۇ، قۇيرۇقىدا ئىككى دانە سىمدەك ئۇزۇن پېيى بار بولۇپ، قۇياش نۇرىدا چىرايىلىق جۇلالىنىپ كۆزىنى چاقنىتىدۇ. جەننەتقۇشىنىڭ تۇرقى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، پەيلىرى تولىمۇ رەڭدار، يەنە كېلىپ ناخشا ئېيتىشقا ماھىر. كۆپىيىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئەركەك قۇش ئورمانلىقتىكى بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دائىم پۈتۈن بەىنىدىكى پەيلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ھەر خىل چىرايلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئەركەك قۇشنىڭ بۇنداق كۈچەپ ئۆز گۈزەللىكىنى ۋە ھۈنىرىنى نامايان قىلىشتىكى مەقسىتى باشقا ئىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى چىشى قۇشنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈندۈر. پاپۇئا گۋىنىيە خەلقى جەننەتقۇشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ قۇشنىڭ سۈرىتى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە باشقا تۈرلۈك خاتىرە بۇيۇملارغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ يەردە مەيلى دۆلەت مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇراسىمى ۋە ياكى ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى بولسۇن، كىشىلەر جەننەتقۇشىنى دوراپ ئوينىلىدىغان «يۇلتۇز ئۇسسۇلى» دىن بەھرە ئالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە