UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا يېمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا يېمەكلىكلەرنى چايناپ بەرمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ياشانغانلار بوۋاق ئۆزى يېمەكلىكلەرنى چايناپ ئېزەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ دائىم ئاۋۋال ئۆزى چايناپ ئاندىن بوۋاقلارغا يېگۈزىدۇ. بۇنى بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردىمى بار دەپ ھېسابلايدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار تاماقنى بەك قىزىق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھەمىشە ئۆزى ئاۋۋال تېتىپ بېقىپ ئاندىن بوۋاققا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار شاكاللىق يېمەكلىكلەرنى ھەمىشە ئۆزى شاكىلىنى ئاغزى بىلەن ئايرىۋېتىپ ئاندىن بوۋاققا يېگۈزىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھەممىسى تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك بولۇپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز. چۈنكى ساغلام ئادەم بولسىمۇ ئېغىز بوشلۇقىدا بەلكىم نۇرغۇن كېسەللىك باكتېرىيىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ھالبۇكى يۇقىرىقىدەك يېمەكلىك بېرىش ئۇسۇلىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيىسىنى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى ئېھتىماللىققا ئىنتايىن يېقىن. بوۋاق بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت مېخانىزمى تېخى ئاجىزراق، قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنرەك، شۇڭا كېسەللىك باكتېرىيىسى بەدەنگە كىرگەن ھامان كېسەللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكنى بوۋاق ئۆزى چاينىغاندا يەنە سۈت چىشىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا ياردىمى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن يېمەكلىكنى چايناپ بەرمەسلىك، بۇ ۋەزىپىنى بوۋاق ئۆزى تاماملىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە