UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۇزاق ئولتۇرۇش ساغلاملىققا زىيانلىق؟

نېمە ئۈچۈن ئۇزاق ئولتۇرۇش ساغلاملىققا زىيانلىق؟

نېمە ئۈچۈن خىزمەت مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى كىشىلەر ئولتۇرۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرىدىغان بۇنداق ئادەتنىڭ نۇرغۇن زىيىنى بار. بىرىنچى، يۈرەك ئىقتىدارى چېكىنىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ، قان ئايلىنىش ئاستىلايدۇ ھەمدە ئاسانلا قاننىڭ ئارتېرىيىدە چۆكۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، كېيىن يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، يۇقىرى قان بېسىم تاجىسىمان ئارتېرىيە نۆكچىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشقا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى، مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىش، قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاش، مۇسكۇللارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇسكۇل قېتىپ قېلىش، ئاغرىش ھەتتا مۇسكۇللار يىگىلەپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ئۈچىنچى، پۇت ۋە يوتىغا قان كۆپ يىغىلىۋېلىپ، پۇت بارماقلىرىنىڭ قان تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ؛ توغرا ئۈچەي، مەقئەت قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قاننىڭ قايتىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ بوۋاسىر پەيدا قىلىدۇ. تۆتىنچى، مۈرە ۋە بويۇن ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەت قىلالمايدۇ - دە، ئومۇرتقا قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەشىنچى، ئادەم تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ، مىكروب، كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ئالتىنچى، روھى چۈشكۈنلىشىپ، كۈن بويى روھسىز يۈرىدۇ، تولا ئەسنەيدۇ، يەنى ئاسانلا بېشى قايدىغان، قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بىز <ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتمەسلىكىمىز> ئۇدا ئىككى سائەتچە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئون مىنۇت ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار مۇۋاپىق ھالدا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى، مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈشى، پىيادە مېڭىشى كېرەك، بۇنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى ناھايىتى زور.
← بارلىق تېمىلار نەمە