UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، تۆمۈرنىڭ كۆپرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۆمۈر تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىش. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر گەرچە كالا سۈتىنىڭكىگە يېقىن كەلسىمۇ، بىراق پايدىلىق نىسبىتى كالا سۈتىدىن يۇقىرى. 2. مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلار بولسۇن، مەيلى سۈنئىي بېقىلغان بالىلار بولسۇن، تەخمىنەن تۆت ئايلىق بولغاندا تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلىسا بولىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغانلار ياكى قوشكېزەكلەر تەخمىنەن ئىككى ئايلىق بولغاندا تۆمۈر تولۇقلاشنى باشلىسا بولىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر بولغان يېمەكلىكلەرنى (مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى، بېلىق، جىگەر قاتارلىقلار) ياكى تۆمۈرنى كۈچەيتىشى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلىسا بولىدۇ. ھەر كۈنى بىر مىللىگرام قوبۇل قىلسا بولىدۇ ھەم تۆمۈرنى سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 3. ۋىتامىن C مول بولغان تاماقلار (يېڭى مېۋە قىيامى، سەي شىرنىسى قاتارلىقلار) ياكى ۋىتامىن C تابلېتكىسى قاتارلىقلار تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقىغا پايدىلىق. 4. ئانا پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈرنىڭ تەمىنلىشىگە دىققەت قىلىپ، ھەر كۈندىكى تاماق تەركىبىدىن 40 ~ 60 مىللىگرام تۆمۈر ئېلېمېنتى ئىستېمال قىلسا، تۆمۈر كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki