نېمە ئۈچۈن سۇ ئاستى پاراخوتى سۇدا ئەركىن چۆكۈپ ۋە لەيلەپ ماڭالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سۇدا ھەر قانداق جىسىم ئېغىرلىق كۈچى ۋە لەيلەش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئېغىرلىق كۈچى لەيلەش كۈچىدىن كىچىك بولسا جىسىم سۇدا لەيلەيدۇ، ئەگەر ئېغىرلىق كۈچى لەيلەش كۈچىدىن چوڭ بولسا جىسىم سۇغا چۆكۈپ كېتىدۇ. ئېغىرلىق كۈچى بىلەن لەيلەش كۈچى تەڭ بولسا ياكى پەرق كىچىكرەك بولسا جىسىم سۇدىكى مەلۇم ئورۇندا <لەيلەپ> تۇرىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتى ئېغىرلىق كۈچى بىلەن لەيلەش كۈچىنىڭ قىممەت پەرقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەم سۇدا ماڭالايدىغان ھەم دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ ماڭالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنغان.
سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سىرتقى شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا، ئۇ ئۆز ئېغىرلىق كۈچىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سۇ ئاستىغا چۆكىدۇ ھەم لەيلەيدۇ. ئالىملار سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىككى قەۋەت قىلىپ لايىھىلىگەن، ئىچ قەۋىتى بىلەن تاش قەۋىتىنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقنى بىر قانچە سۇ بۆلمىسىگە ئايرىغان بولۇپ، ئۇ باللاسىت (يۈك) سۇ بۆلمىسى دېيىلىدۇ. ھەر بىر سۇ بۆلمىسىگە سۇكىرىش قاپقىقى ۋە سۇ چىقىرىش قاپقىقى ئورنىتىلغان. سۇ كىرىش قاپقىقىنى ئېچىپ دېڭىز سۈيىنى باللاست سۇ بۆلمىسىگە كىرگۈزگەندە، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. ئېغىرلىق سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇچرىغان لەيلەش كۈچىدىن چوڭ بولغاندا سۇ ئاستى پاراخوتى تەدرىجىي چۆكىدۇ. پەقەت سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ ئېغىرلىقى ياخشى كونترول قىلىنسىلا ئۇنى ھەر قانداق چوڭقۇرلۇقتا لەيلەتكىلى بولىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتنى يۇقىرىغا لەيلىتىشكە توغرا كەلسە، ئاۋۋال سۇ كىرىش قاپقىقىنى ئېتىپ، سۇ چىقىرىش قاپقىقىنى ئېچىۋېتىش كېرەك، ئاندىن يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا بىلەن باللاست سۇ بۆلمىسىدىكى ۇنى چىقىرىۋېتىپ، سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق كۈچىنى لەيلەش كۈچىدىن كىچىكلەتكەندە، ئۇ سۇ يۈزىگە چىقىدۇ.