ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جەمئىي قانچە قېتىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
قەرەللىك تۇغۇتنى تەكشۈرگەندە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، يەنە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەقسەتكە يېتىمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. ئالتە ھەپتىدىن 22 ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا بىرىنچى قېتىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. 16 ھەپتىدىن 18 ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلە تېنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، باش، كۆكرەك، پۇت - قول ۋە ئومۇرتقا قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا قېنىدىكى دوۋن سندرومىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنىڭ ھەپتە سانىنى بىلىش بىلەن بىللە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى، تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 22 ھەپتىدىن 26 ھەپتىگىچە ئۈچىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش بولۇپ، ھامىلىنىڭ بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرگىلى بولغاندىن سىرت، يەنە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدىكى ئىنتايىن كىچىك بولغان نورمالسىزلىقنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، توشقانكالپۇك بولۇش، تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇش، بۆرەك سۈيدۈك سىستېمىسى، چوڭ - كىچىك مېڭە قاتارلىقلار. ئوخشاشلا يەنە باش سۈيى، بالا ھەمراھى، يېتىلىش سۈرئىتى ۋە ھامىلىنىڭ تاشقى قىياپىتى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى قاتارلىقلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. 32 ھەپتىدىن 38 ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا تۆتىنچى قېتىملىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، باش سۈيى مىقدارى، بالا ھەمراھى ئىقتىدارى، ھامىلىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى قاتارلىقلارنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى باسقۇچلۇق بولغاچقا، باسقۇچلۇق ھالدا تەكشۈرتۈش لازىم. ئىككىنچى قېتىم سىكانتېرلىغاندا (16 ھەپتىدىن 18 ھەپتىگىچە) ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.