بالىلارغا چىش چوتكىلاشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا توغرا چىش چوتكىلاشنى ئۆگىتىشتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ:
1. بالىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياكى كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئانا - بالىنىڭ كەينىدە ياكى يېنىدا تۇرۇپ، بىر قولى بىلەن بالىنىڭ بېشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن چىش چوتكىسىنى ئىلمان سۇدا نەمدەپ، ئاندىن سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتا چىش پاستىسىنى چىقىرىش كېرەك.
2. چىش چوتكىسىنىڭ قىللىرىنى چىش مىلىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، چىشقا 45 گرادۇس توغرىلاپ، ئاستىدىن - ئۈستىگە، ئۈستىدىن - ئاستىغا قاراپ چوتكىلاش. سىرتنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن، چىشنىڭ ئىچى تەرىپىنى، ھەربىر تەرەپنى سەككىز قېتىمدىن ئون قېتىمغىچە، ۋاقتى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ توغرىسىغا ۋە ھەرە ھەرىدىگەن شەكىلدە چوتكىلىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا چىشىنى تازىلاش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، يەنە ئوڭايلا چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىز بولۇشقى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ قويىمىز.
3. بالىنىڭ ئېغىزىنى پاكىز چايقاپ، ماغزاپنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش، ئۇنىڭدىن باشقا بالا چىش چوتكىلاشنى ئۆگەنگىچە ۋە تولۇق چۈشەنگىچە، ئەينەككە قاراپ چىش چوتكىلاشنى ئۆگىتىش كېرەك. بالىنىڭ چىش چوتكىلاشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە چوڭلار چىش چوتكىلىغاندا، بالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى، يەنە چىش چوتكىلىغاچ ناخشا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. چىش چوتكىلاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ، ئاتا - ئانىلار يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا چىشنى پاكىز چوتكىلىيالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم چوڭلار ياردەملىشىشى كېرەك، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بىراق، يەنىلار چوڭلارنىڭ ياردىمىدە پاكىز چوتكىلىيالايدۇ.