UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆرۈش ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟

كۆرۈش ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟

نېمە ئۈچۈن ئاساسلىقى، نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى توغرا ئەمەس، بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا يۇقىرى دەرىجىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاز بىر قىسىملاردا يۇقىرى دەرىجىدە يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئالامەتلىرى بولىدۇ، ئەگەر كۆزەينەك تاقىمايدىغانلار بولسا، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇق، غۇۋا كۆرۈنىدۇ. كۆز ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ھاياجانلىنىپ قوزغىلىشى بىر ئاز نورمال بولغان كۆرۈش ئاجىزلار چوڭ مېڭە پوستلاق قاتلىمىنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئوتتۇرا نېرۋىلىرىدىكى نېرۋا يولىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇشى ئارقىلىق كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق شەكىللىنىدۇ. نۇر سۇندۇرۇشى بىردەك ئەمەسلەر، بۇ ئىككىلا كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشى تۈز ئەمەس، بىراق بىر كۆزنىڭ گرادۇسى تۆۋەن، يەنە بىر كۆزنىڭ گرادۇسى يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ناھايىتى ئوڭايلا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. ئالىغايلىق. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار نەرسىلەرگە قارىغاندا، دائىم كۆرۈش سېزىمى قالايمىقان بولۇپ، ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئالىغاي كۆز ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى كونترول قىلىۋالىدۇ - دە، ئالىغاي كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، كۆزى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغما كېسەللىك. يېڭى تۇغۇلغاندا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسىلەن: تۇغما كۆزگە ئاق چۈشۈش، ئۈستۈنكى قاپىقى تۇغما تۆۋەنگە ساڭگىلاش ياكى باشقا مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن كۆرۈش سەزگۈ يولىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. تۇغما كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق. بۇ ناھايىتى ئارا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۆرۈش ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسى؟ | UyghurWiki | UyghurWiki