يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى قانداق سالدۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشتا ئاۋۋال ئىشتىنىنى ئاندىن ئۈستى كىيىمىنى سالدۇرۇش كېرەك. ئىشتىنىنى سالدۇرغاندا بوۋاقنى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بىر قولىدا كاسىسىنى يەڭگىل كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بىر قولىدا ئىشتاننى تىزغىچە سالدۇرۇۋېلىش؛ ئاندىن بىر قولىدا ئىشتاننىڭ بېلىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا تىزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پۇتىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە سالدۇرۇۋېلىش، يەنە بىر پاچىقىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سالدۇرسا بولىدۇ، مايكىسىنى سالدۇرغاندا بەلدىن مەيدىسىگىچە تۈرۈپ قويۇپ جەينىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يېڭىنى تۈرۈپ بىلىكىنى چىقىرىۋېلىش، ئاخىرىدا ياقسىنى كېرىپ، ئاستا بېشىدىن چىقىرىۋېلىش، يۈزىنىڭ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر بوۋاققا چاپىنى تۇتاش ئىشتان كىيدۈرۈپ قويۇلغان بولسا، ئالدى بىلەن تۈگمىسىنى يېشىۋېتىپ، يېڭىنى تۈرۈپ بىلەكنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئىشتان سالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن سالدۇرۇۋېلىش كېرەك.