UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟

ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ بىر ياشقا توشاي دەپ قالغان بۇ ۋاقتى دەل ئەمچەكتىن ئايرىلىشنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچى. بۇ ۋاقىتتىكى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىلگىرىكىدەك ئۇنچىلىك ئىنچىكە، يۇمشاق ئېزىپ بەرمىسىمۇ، قەدەممۇ قەدەم چوڭلارنىڭ تاماقلىنىشىغا يېقىنلاشتۇرسا بولىدۇ. بەزى بوۋاقلار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېخى پۈتۈنلەي ئەمچەكتىن ئايرىلىپ بولالمايدۇ. بۇ چاغدا ئاتا - ئانا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بوۋاقنى پۈتۈنلەي ئەمچەكتىن ئايرىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بوۋاق ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن دانلىق زىرائەتلەر يېمەكلىكى ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇپ قالىدىغانلىقتىن ئىسسىقلىق مىقدارى ئاساسەن مۇشۇ يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ. ئەمما بوۋاقلارنىڭ غىزاسى گۈرۈچ، ئۇننى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە يەنە ھايۋانات يېمەكلىكلىرى ھەم كۆكتات، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇش، بوۋاقنىڭ غىزالىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاماق ئەتكەندىمۇ ھەرخىل ئۆزگەرتىپ تۇرۇش مەسىلەن: مانتا، تۈگرە (جۇۋاۋا)، چۆچۈرە، موما، خۇاجەر قاتارلىقلارنى ئېتىپ بېرىش. ئۇنىڭدىن سىرت ئەمچەكتىن ئايرىش ھەرگىزمۇ بوۋاقنى ھېچقانداق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىق دېگەنلىك بولماستىن پەقەت سۈت مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ ئانا سۈتى داۋاملىق تۈردە بوۋاقنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتۇر. كالا سۈتى كالتسىي ماددىسى ۋە باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلايدىغان ئەلا مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا بوۋاققا ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا بېرىلىدۇ. ئادەتتە بوۋاقنىڭ كۈندە ئىچىدىغان كالا سۈتىنىڭ مىقدارى 250 مىللىلىتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki