يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سۇسىزلانغاندا قاتتىق كۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەگەر زىيادە ئىسسىق ساقلاش ياكى سۇ قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز بولۇشتىنلا سۇسىزلانغان بولسا، پەقەت تۆۋەن قىزىش، روھىي ھالىتى سەل چۈشكەن بولۇش، تېرىسى سەل قۇرغاقلىشىش، كۆز ئۇۋىسى ۋە مېڭە ئالدى لىپىلدىقى سەل ئولتۇرۇشۇش، لەۋ شىللىق پەردىسى سەل قۇرۇشۇش، سۈيدۈك مىقدارى سەل ئازلاش ھەم قۇسماسلىق، قورسىقى كۆپمەسلىك قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلەنگەندە، كىيىمىنى يېشىۋېتىش، ئىلمان قايناق سۇدا باش، بويۇن قىسمى، قولتۇق ۋە پۇت - قولىنى سۈرتۈش بىلەن بىللە قايناق سۇ ياكى %5 لىك قەنت سۈيى ئىچكۈزۈپ بەرسە، ئادەتتە ئاسانلا قىزىتما يانىدۇ ھەم سۇسىزلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەككى، قالايمىقان قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر سۇسىزلىنىش بىلەن بىللە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار تەڭ كۆرۈلسە، بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ يانماسلىق، ئىنتايىن بىئاراملىق ياكى روھىي چۈشكۈنلۈشۈش، تېرىسى روشەن قۇرغاقلىشىش، كۆز ئۇۋىسى ۋە مېڭە ئالدى لىپىلدىقى چوڭقۇر ئولتۇرۇشۇش، سۈيدۈك مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىش ياكى سۈيدۈك بولمىسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن زىيادە ئىسسىق تۇتماسلىق، بەك كىچىك كىيىم كىيدۈرمەسلىك، تاشقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بوۋاقنىڭ كىيمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن سىرت بوۋاق سۇسىزلىنىش ھالىتىدىمۇ ئەمەسمۇ دېگەنگە ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، بوۋاق ئېغىز بوشلۇقىنىڭ نەم ياكى ئەمەسلىكىنى كۆزىتىش، ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قۇرغاق بولسا، بوۋاقتا سۇ كەملىكنى بىلدۈرۈپ، كۆپرەك سۈت، سۇ بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ