UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەڭ ياخشى بولغان ھامىلىدارلىق كەيپىياتى قانداق بولىدۇ؟

ئەڭ ياخشى بولغان ھامىلىدارلىق كەيپىياتى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ۋە كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، بۇ بىر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ ئىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ساغلام، ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئائىلىدە مېھرىبانلىق، خۇشاللىق بىلەن تولغان تۇرمۇش مۇھىتىنى پەيدا قىلغاندىن سىرت، ئەر - ئاياللار ئارىسىدىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش، چۈشىنىش بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، خاپىچىلىق يۈز بەرگەندە، ئاكتىپلىق بىلەن ھامىلىدار ئاياللارنى كۈلدۈرۈپ، ھامىلىدار ئاياللاردا ناچار غىدىقلىنىش پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھامىلىدار ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئوخشاشلا سىزمۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك زىددىيەتلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بەزىبىر ئېغىر - يېنىك ئىشلارغا پەرۋاسىزراق بولۇپ، زىيادە ئەستايىدىل بولمىسىڭىزمۇ، زىغىرلاپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ زىيادە گۇمانخۇر بولماسلىق، ئىمكانقەدەر ئائىلىدىكى باشقا كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدىكى ئوڭۇشسىز ئىشلارغا يولۇققان بولۇڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. مۇشۇنداق بولغاندا، كەيپىياتتا ئوڭايلا داۋالغۇش بولمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ساغلام بولغان كەيپىياتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزىڭىزگە ياخشى قەلب مۇھىتىنى پەيدا قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە، ھامىلىگە پايدىلىق، قىسقىسى ھەرقايسى جەھەتتە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە