UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تېرە تىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن چىققان قان ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېرە تىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن چىققان قان ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم تېنىنىڭ ھەممە يېرىدە چوڭ - كىچىك قان تومۇرلار بولىدۇ، بۇ قان تومۇرلاردا قىپقىزىل قان ئېقىپ تۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنىڭ تېنىدە بەش - ئالتە لىتىر قان بولىدۇ، ئۇ بەدەن ئېغىرىقىنىڭ سەككىز پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ 55 پىرسەنتى قان پلازمىسى، 45 پىرسەنتى قان ھۈجەيرىسىدىن ئىبارەت. قان ھۈجەيرىسى يەنە قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىلىرى دەپ ئايرىلىدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىڭىز تىلىنىپ كەتسە، تېرىڭىزدىن دەرھال قان چىقىدۇ. ئەگەر يارا ئېغىزى ئانچە چوڭ بولمىسا، بىر ئازدىن كېيىن قان يارا ئېغىزىدا كۆپۈك شەكىلدە ئۇيۇپ قالىدۇ - دە، قايتا قان چىقمايدۇ. ئادەم تېنىنىڭ مۇشۇنداق ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنىڭ سەۋەبى قاندا قان پلاستىنكىلىرىنىڭ بولغانلىقىدا. قان پلاستىنكىلىرىدا شۇنداق بىر ئىقتىدار باركى، ئۇ قان تومۇردىن ئېقىپ چىققاندىن كېيىن، يىرتىلىپ قان پلاستىنكىلىرى فاكتورى قويۇپ بېرىدۇ ھەمدە قان ئۇيۇتقۇچى فېرمېنت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئورتاق رول ئوينىشى ئارقىسىدا، قاندىكى تالالىق ئاقسىل ئېلېمنتى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تالالىق ئاقسىل دەيدىغان بىر خىل يېڭى ماددىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە تېزلا قايتىپ يارا ئاغزىنى ئېتىۋېتىدۇ - دە، قايتا قان چىقمايدۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قاقاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، يارا ئېغىزى تامامەن ساقىيىپ، تېرە ئەسلىي ھالىتىگە كېلىدۇ. قان پلاستىنكىلىرى ناھايىتى ئۇششاق، سىرتقى شەكلى قانۇنىيەتسىز بولۇپ، قاندا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇ تېرىدىكى يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈپلا قالماي، يەنە قان تومۇر زەخىملەنگەندە، ئۇنى ساقايتالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە