UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلە تەربىيىسىنى ھامىلە ھېس قىلالامدۇ؟

ھامىلە تەربىيىسىنى ھامىلە ھېس قىلالامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئايال قورسىقىدىكى ھامىلىگە ھامىلە تەربىيىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا دائىم مېنىڭ بالام ھېس قىلالىغانمىدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىشىچە، ھامىلە ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەستە تۇتالايدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلالايدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتى ئەمەلىيەتتە ھامىلە ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ، ھامىلە تەخمىنەن ئۈچ ئاي بولغاندا بىرەر نەرسىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. دەسلەپتە، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە بىرەر يۇمشاق نەرسىگە ئۇرۇلسا مەسىلەن: بالىياتقۇ دىۋارى، كىندىك ياكى بالىياتقۇغا سوقۇلغان ۋاقىتتا خۇددى قورقۇنچاق توشقانغا ئوخشاش دەرھال ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. بىراق، ھامىلىنىڭ بارغانسېرى چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ھامىلە بىر ئاز <جۈرئەتلىك> بولىدۇ، سوقۇلۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايلا قالماستىن بەلكى بەلگىلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ. مەسىلەن: بەزى ۋاقىتتا ئانا قورساقنى سىيلىغاندا، ھامىلە پۇتى بىلەن تېپىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ھامىلە تۆت يېرىم ئايلىق بولغاندا، تاتلىق ۋە ئاچچىق تەمنى پەرق ئېتەلەيدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ھامىلىنىڭ تەمگە بولغان سەزگۈسى تۇراقلىشىپ، يا ئاچچىقنى ياكى تاتلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھامىلە ئالتە ئايلىقتىن كۆپرەك بولغاندا كۆزلىرىنى ئېچىپ - يۇمالايدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقتىنىڭ كېيىنكى ھەپتىلىرى ھامىلە ئۆزىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. نۇر ئانىنىڭ قورسىقىغا چۈشكەندە، ھامىلە دەرھال يۈزىنى يورۇق چۈشكەن تەرەپكە قارىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى بىر پارچە قىپقىزىل نۇر گەردىشى بولۇپ، خۇددى قول چىراغ بىلەن قولنىڭ ئالىقىنىنى يورۇتقاندا، قولنىڭ دۈمبىسى قىزىل كۆرۈنگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. ھامىلە بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ھامىلىدە، ئۇرۇلۇش، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك دەرىجىگە بارىدۇ. سىرتقى دۇنيادىكى بەزىبىر پائالىيەتلەرنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇئەييەن ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلە تەربىيىسى ئېلىپ بارسا، ھامىلىنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە