UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەمچىكى ئىششىپ قىلىشى كېسەللىكمۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەمچىكى ئىششىپ قىلىشى كېسەللىكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار (مەيلى ئوغۇل، قىز بولسۇن) تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن بەش كۈن ئەتراپىداسۈت بېزى ئىششىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ ھەم تۇتقاندا دادۇر چوڭلۇقىدىن كەپتەر تۇخۇمى چوڭلۇقىغىچە بولغان قاتتىق تۈگۈن ئۇرۇلىدۇ. بەزىلىرى يەنە ئاز مىقداردا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب، ئانا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىكى پروگېستىن، پرولاكتىن (سۈت كەلتۈرۈش ھورمۇنى) قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بارغانسېرى كۆپىيىپ، يەڭگىش ئالدىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. بۇ ھورمۇنلار ئانىنىڭ سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشى ۋە سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ماددىلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە كىرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىن كەلگەن ھورمۇنلار تويۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئەمچىكى ئىششىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىششىق بوۋاق تۇغۇلۇپ كۆپىنچىسى ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بارا - بارا يانىدۇ. بۇ جەرياندا تېرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، باشقا ھېچقانداق چارە - تەدبىر قوللانماسلىق كېرەك. شۇڭا ئاتا - ئانىلار جىددىيلەشمەسلىكى، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەمچەك توپچىسىنى ھەرگىز سىقماسلىقى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە