UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دەرەخ شېكەر زەرەڭ دەرىخىدىن شېكەر ئىشلەپ چىقارغىى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دەرەخ شېكەر زەرەڭ دەرىخىدىن شېكەر ئىشلەپ چىقارغىى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن شېكەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپ، ئاساسەن شېكەر قۇمۇش بىلەن قىزىلچىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك، يەنى ئۇلارنىڭ ھايات دەۋرىيلىكى بىر يىللار بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى ھەر يىلى تېرىيدۇ. شېكەر زەرەڭ دەرىخى بولسا ئېگىز ئۆسىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۇنى ھەر يىلى تېرىش ھاجەتسىز، ئۇنىڭدىن ھەر يىلى شېكەرلىك سۇيۇقلۇق يىغىۋالغىلى بولىدۇ. شېكەر زەرەڭ دەرىخىنىڭ ئەسلىي يۇرتى كانادا، ئۇ جايدا قىش پەسلى ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، دائىم نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون سېلسىيە گرادۇسقا چۈشىدۇ. بۇ شېكەر زەرەڭ دەرىخىنىڭ تېنىدىكى شېكەر تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پايدىلىق شارائىت ياراتقان. ھەر يىلى ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە شېكەر زەرەڭ دەرىخى تەدرىجىي بىخ سۈرۈپ، يوپۇرماق چىقىرىپ، بىر يىل ئىچىدىكى ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولىدىغان مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ. ئەتىياز، ياز پەسلىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈز يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى يېشىلدىن قىزىلغان ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ غولىغا كۆپ مىقداردا كراخمال توپلىنىدۇ. قىش كىرگەندىن كېيىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز تۆۋەنلەيدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاستىدا دەرەخ غولىدىكى كراخمال تەدرىجىي قومۇش شېكىرىگە ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن ياغاچلىق قىسمىدىكى دەرەخ سۇيۇقلۇقىدا ساقلىنىدۇ. كېيىنكى يىلى باھاردا دەرەختىكى سۇيۇقلۇق ھەرىكەتلىنىشىكە باشلىغاندا، دەرەخ غولىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ قويۇلسا، تەركىبىدە شېكەر بولغان دەرەخ سۇيۇقلۇقى تۆشۈكتىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ شېكەرلىك سۇيۇقلۇقىنىڭ 85 پىرسەنتى قومۇش شېكىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈزۈم شېكىرى، مېۋە شېكىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىر تۈپ شېكەر زەرەڭ دەرىخىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا نەچچە ئون كىلوگرام شېكەرلىك سۇيۇقلۇق يىغىۋالغىلى بولىدۇ. شېكەر زەرەڭ دەرىخىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 100 يىلدىن كۆپرەك بولىدۇ. بىر تۈپ كۆچىتىنى تىكىپ ئون يىلدىن كېيىن شېكەرلىك سۇيۇقلۇق يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا 50 يىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بۇنى ھەقىقەتەن <بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ پايدا كۆرۈش> دېيىشكە بولىدۇ!
← بارلىق تېمىلار نەمە