UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس 15 سېكۇنتتىن يۇقىرى توختاپ قېلىش ياكى 15 سېكۇنتىن يۇقىرى بولمىسىمۇ لېكىن يۈرەك رىتىمى ئاستىلاش (مىنۇت / قېتىم 100 تىن تۆۋەن) ۋە كۆكىرىش بىللە كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش بىرلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش ۋە ئىككىلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش دەپ بۆلۈنىدۇ. بىرلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش ھامىلە يېشى 34 ھەپتىدىن كىچىك بولغاندا ياكى تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى 75.1 مىڭ گرامدىن كىچىك تۇغۇلغان بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقتا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە تۇغۇلۇپ ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە يۈز بېرىدۇ. گىرىپتار بولغۇچى <يېتىلەلمەسلىك> تىن سىرت ئادەتتە باشقا كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. ئىككىلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ لېكىن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ. دائىم تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى يادروغا سېرىقلىق چۈشۈش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن قان شېكىرى، ھەمدە يۇقىرى قىزىتما، تۇنجۇقۇش قاتارلىقلار، يەنە مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇشتىن ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچ تەتۈرىگە مېڭىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەپەس ۋاقىتلىق توختاشقا ئومۇمەن ماس ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئىككىلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاشنىڭ كۆپ خىل سەۋەبىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن بىرلەمچى نەپەس ۋاقىتلىق توختاشقا دىئاگنوز قويۇپ ئالامەتكە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki