UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئارقىغا تەپمەيدىغان زەمبىرەك نېمە ئۈچۈن ئارقىغا تەپمەيدۇ؟

ئارقىغا تەپمەيدىغان زەمبىرەك نېمە ئۈچۈن ئارقىغا تەپمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن زەمبىرەك ناھايىتى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. گەرچە زەمبىرەكنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورايغان بولسىمۇ، بىراق مۇنداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش تەس بولۇپ كەلگەنىدى، ئۇ بولسىمۇ، زەمبىرەكنى ئاتقان چاغدا، ئارقا يۆنىلىشكە قارىتىلغان غايەت زور بىر تەسىر كۈچ - ئارقىغا تېپىش كۈچى ھاسىل بولۇپ، زەمبىرەك گەۋدىسىنى شىددەت بىلەن ئارقىغا سىلجىتاتتى. ⅨⅩ ئەسىردە، بەزى زەمبىرەكلەر ئۇدا ئوق ئاتقاندىن كېيىن، زەمبىرەك گەۋدىسى تۇرغان ئورنىدىن نەچچە ئون مېتىر ئارقىغا سىلجىتىپ كېتەتتى. ئارقىغا تېپىش كۈچى زەمبىرەكنىڭ ئوقنى نىشانغا تەگكۈزۈش نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى توپچىلارنىمۇ بەك ئەندىشىگە سالاتتى. قانداق قىلغاندا زەمبىرەكنى ئارقىغا تېپىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن خالاس قىلغىلى بولىدۇ؟ ⅤⅩئەسىردىلا، مەشھۇر سەنئەتكار ۋە ئىنژېنېر لېئوناردو داۋىنچى بىر خىل <قوش باشلىق زەمبىرەك> نى لايىھىلىدى، ئۇ كالىبىرى قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە ھاسىل قىلغان تەسىر كۈچى ئۆز ئارا يېيىشىپ كېتىپ، زەمبىرەك گەۋدىسى سىلجىمايتتى. بىراق، لېئوناردو داۋىنچىنىڭ لايىھىسىدىن ئانچە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايتتى، چۈنكى ئىككى پاي توپ ئوقىنىڭ ھامان بىرى ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. 1914 - يىلىغا كەلگەندىلا، ئامېرىكىلىق بىر نەپەر دېڭىز ئارمىيە لېيتنانت كوماندىرى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تۇنجى ئارقىغا تەپمەس زەمبىرەكنى كەشىپ قىلدى. بۇ خىل زەمبىرەكتە بىر خىل تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئوق قوللىنىلاتتى، زەمبىرەكنى ئاتقاندا، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئوق ئارقىغا چېكىنىپ چىقىپ ئارقىغا تېپىش كۈچى يوقىلاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، قورال - ياراغ مۇتەخەسسىسلىرى پۈركۈگۈچ تۇرۇبا بىلەن پۇرۇخ گازىنى ئارقىغا پۈركۈيدىغان ئارقىغا تەپمەس زەمبىرەكنى لايىھىلەپ چىقتى، بۇنىڭدىمۇ زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقاندا ھاسىل بولىدىغان ئەكىس تەسىرلىك كۈچىنى يوقاتقىلى بولاتتى. ئارقىغا تەپمەيدىغان بۇ خىل زەمبىرەكلەر ناھايىتى يېنىك بولۇپ، مۈرىدە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئاتسىمۇ، ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىپ ئاتسىمۇ بولاتتى.
← بارلىق تېمىلار نەمە