سېزىكلىك ئالامىتىنى قانداق كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمەلىيەتتە، سېزىكلىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن ئاستا - ئاستا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە داۋالاش كەتمەيدۇ، پەقەت يېمەك - ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش لايىھىسى:
1. ئاز - ئازدىن، پات - پات يېيىش. ئاز - ئازدىن يېيىش دېگىنى بولسا — ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېۋىلىپ، سىڭدۈرەلمەي قالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. پات - پات يېيىش دېگىنى بولسا ئۇزۇن مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، قورساق ئېچىپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا تاماق يېسىمۇ كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرىدۇ.
2. ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يۈرۈش. ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەردە قەنت (شېكەر) ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، پىرەنىك دېگەندەك... بۇ بولغۇسى ئانىلارنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىدا، دەرھال يەپ، ئاچلىقنى كونترول قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.
3. ئەتىگەنلىك تاماقتا ئىمكانقەدەر مايسىز تاماق يېيىش. مەسىلەن، بولكا دېگەندەك. ئادەتتە ئاچچىق، ئالاھىدە پۇراقلىق نەرسىلەردىن، ماي بۇسى ۋە مايلىق يېمەكلىكلەردىن ئىلاجى بار ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
4. غىزالانغاندا، يېمەكلىكنىڭ سۇ مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىق. سۇ ئىچكۈسى كېلىپ كەتكەن بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش. چۈنكى سۇ مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئاشقازان، ئۈچەينى ئاغرىتىپ، ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار بۇلارغا دىققەت قىلغاندىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئائىلە ئەزالىرى كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرۇشى كېرەك. ياندۇرۇشى ئېغىر بولغان كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق پېچىنە يېۋالسا، كېچىدىكى ۋە ئەتىگەندىكى قان شېكىرىنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ۋە ھاۋاسى ناچار يەردە ئىمكانقەدەر غىزالانماسلىق كېرەك، نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشتىھاسى ياخشى بولماي، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىدۇ. بىراق بۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ ۋە مەڭگۈلۈك خەتەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا ۋىتامىن B6 نى تولۇقلىسا بولىدۇ، بىراق ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە دورا يېيىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر ياندۇرۇش دەرۋەقە بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، كوللاپىس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش قاتارلىقلار نەتىجىسىدە يۈرەك قان ئايلىنىشنىڭ زەئىپلىشىشى) دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولسا ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بىراق، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاياللار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار رېتسېپ يېزىپ بەرسە ياخشى بولىدۇ.