بوۋاقلار ئىپادىلەشنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چىقارغان دەسلەپكى ئاۋازى يىغىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئازراق چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە باشلايدۇ. ئۈچ ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ئېغىزى ئارقىلىق ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى ھېس قىلغاندا ئۆز - ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى دەپ گۇڭرايدۇ. ئەگەر چوڭلار ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دورىغاندا، ئۇلار خۇشال بولغان كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم شۇنداقلا بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلار چوڭلارنىڭ سۆزىنى تەپسىلىي، ئىنچىكىلىك بىلەن ئاڭلايدۇ ھەم چوڭلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى بىلەن بۇ سۆز كۆرسەتكەن شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرىگە بولغان قارىمۇقارشىلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. بوۋاقلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، توختىماستىن ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر بالىنى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندا، گەرچە تېلېۋىزوردىكى ئاۋازلار ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر قوزغىسىمۇ، بىراق بالىغا نىسبەتەن بۇ بىر پاسسىپ تىل ئۆگىنىش جەريانى. بالىلاردىكى ئۆگىنىشتە چوقۇم ئادەملەر بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئالاقىلىشىشى كېرەك. ئۆزئارا ئالاقە جەريانىدا تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.