قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ جەريانى 38 ~ 40 ھەپتىگىچە بولۇپ بۇ جەرياندا، ھامىلە ئاستا - ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن بىللە ئانىنىڭ بەدىنىدىمۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يەنە خىلمۇخىل كېسەللىكلەر مەسىلەن، ئالدىن بېشارەتلىك بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى كېسەللىكلىرى، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمراھى، ھامىلە كېچىكىپ يېتىلىش، ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولۇش قاتارلىقلار. شۇ سەۋەبتىن قەرەللىك ۋاقىتتا تەكشۈرتكەندە، ئاندىن ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىش ئەھۋالى ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىۋالغىلى، نورمالسىز ھادىسىلەرنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاش ۋە تۈزىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە قەرەللىك ھالدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بېرىش لازىم. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە بولغاندا، بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، كېيىن ھەر تۆت ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش. ھامىلىدار بولغىلى 28 ھەپتىدىن ئاشقاندىن كېيىن، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، 63 ھەپتىدىن كېيىن تۇغقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ پۈتۈن مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش قېتىم سانى تەخمىنەن 13 قېتىم ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر خەۋپلىك ھامىلدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ماس ھالدا كۆپەيتسە بولىدۇ.
[LM]