UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ تۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ تۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن سوغۇق پەسىللەردە ۋە ئۇخلىغاندا، بىر مۇنچە كىشىلەر ئۆينىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىنى ئېتىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ ھاۋاسى ئالماشمايدۇ - دە، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ. ئادەتتە، ئۆيدىكى ھاۋا ئائىلىدىكى ھەممە ئادەم چىقارغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد، تەردىن ئاجرىلىپ چىققان ماددىلار، ھەزىم قىلىش يولى چىقارغان سېسىق پۇراق، پۇتنىڭ سېسىق پۇرىقى، تاماكا پۇرىقى، توڭلاتقۇدىن چىققان غەلىتە پۇراق، شۇنىڭدەك گاز ئوچاق، تەبىئىي گاز كۆيگەندە چىققان كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىقلار بولىدۇ. بىر كېچىدە ئۆينىڭ ھاۋاسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كېتىدۇ. ھەممىگە مەلۇم، ساپ ھاۋادا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد پەقەت 0.03 پىرسەنتىنلا تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەر ئىشىك - دېرىزىلەر ئېتىۋېتىلسە، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ قۇيۇقلۇقى بىر - ئىككى ھەسسە ئېشىپ، ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشىغاندا، كىشىلەرد باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ مۇبادا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇخلىسا، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ھالسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئادەم ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇرسا، بەدەننىڭ قارشىلىق ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا ئالماشمىسا بەزى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكروبلارغا ياخشى كۆپىيىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر دائىم ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېىچپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندا ئۆي ئىچىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكروبلارنىڭ زىچلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، يوتقان يىغىش، كىيىم كىيىش، ئۆي سۈپۈرۈش قاتارلىق ئىشلار نەتىجىسىدە ھاۋادا كۆپلىگەن چاڭ - توزان ۋە مىكروبلار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، بۇنىڭغا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز نەپەس ئېلىشنى قوشقاندا، ھاۋا خېلىلا بۇلغانغان بۇلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش تېخىمۇ مۇھىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ تۇرۇش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki