UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قىسقا دولقۇننى ناھايىتى يىراق جايلارغا تارقاتقىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قىسقا دولقۇننى ناھايىتى يىراق جايلارغا تارقاتقىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن رادىئو دولقۇنىنىڭ قىسقا دولقۇنى ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، دېڭىز - ئوكيان ئاتلىغان يىراق ئارىلىقلاردىكى ئالاقىلىشىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسىدۇر. شۇنىسى بىزگە ئايانكى، قىسقا دولقۇن بىلەن ئوتتۇرا دولقۇننىڭ ھەر ئىككىلىسىنى رادىئو ئالاقىسىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما قىسقا دولقۇننى نېمە ئۈچۈن ناھايىتى يىراق جايلارغىچە تارقاتقىلى بولىدۇ؟ قىسقا دولقۇننىڭ چاستوتىسى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئۇ تارقىتىلغاندىن كېيىن يەر يۈزى تەرىپىدىن ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، قىسقا دولقۇن يەر يۈزىنى بويلاپ نەچچە ئون مىڭ مېتىر ئارىلىققا تارقالغاندىن كېيىنمۇ يەر يۈزى ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە ئون مىڭ مېتىر يىراقتىن تارقالغان قىسقا دولقۇن سىگنالىنى قوبۇل قىلالايمىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە، يەر شارىنى بىر قەۋەت قېلىن ئاتموسفېرا قاتلىمى ئوراپ تۇرىدۇ. يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېرا تەركىبىدىكى گاز ھالەتتىكى ئاتوملار قۇياش نۇرىنى بىۋاستە قوبۇل قىلىدۇ، بولۇپمۇ قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە ئالەمدىكى باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك نۇرلار بۇ ئاتوملارنىڭ يادروسى سىرتىدىكى ئېلېكترونلارنى ئاتوم يادروسىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىئون ھالىتىدىكى زەررىچىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، بۇ خىل ئىئون ھالىتىدىكى زەررىچىلەر ئىئونلۇق قەۋەت نى ھاسىل قىلىدۇ (ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە ئالەمدىكى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك نۇرلارمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئاجىزلاپ كېتىدۇ). بۇ ئىئونلۇق قەۋەت ئەينەك نۇر قايتۇرغانغا ئوخشاش، قىسقا دولقۇننى قايتۇرىدۇ. قىسقا دولقۇن، تارقىتىش ئىستانىسىدىن ھەر قايسى تەرەپلەرگە تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاتموسفېراغا تارقىتىلىدۇ. بۇ قىسمەن قىسقا دولقۇن ئىئونلۇق قەۋەتكە يولۇققاندىن كېيىن يەر يۈزىگە قايتىدۇ. ئەمما يەر يۈزى بۇ قىسقا دولقۇننى يەنە ئاتموسفېراغا قايتۇرىدۇ. قىسقا دولقۇن مۇشۇنداق تەكرار قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېگىز تاغلار، دېڭىز - ئوكيانلاردىن ھالقىپ ناھايىتى يىراقلارغا بارالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە