UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاتا - ئانىلار قانداр قىلغاندا تىل ئارقىلىق ھامىلە Шىلەن ئالاقىلىشالايدۇ؟

ئاتا - ئانىلار قانداр قىلغاندا تىل ئارقىلىق ھامىلە Шىلەن ئالاقىلىشالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ئەڭ ياخشىسى بالىلار ھېكايىسى، مەسەل، بالىلار رەسىملەر توپلىمى ھەم شۇنداقلا خىيالىي دۇنيا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشى كېرەك. سىز تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىڭىز مول بولغان مېڭىڭىز ئارقىلىق بۇنى ھامىلىگە سىڭدۈرسىڭىز ھامىلىنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتە ساغلام يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز. قەدىمكى نەسرلەرنى، شېئىرلارنى، مەزمۇنى ساغلام، ئېسىل بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا، خۇشال - خورام، ياخشى كەيپىيات يارىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. ھامىلىدار ئاياللار كىتاب ئوقۇپ ھامىلە بىلەن ئالاقە قىلغاندا، چوقۇم ھېسسىياتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشۇ ئەسەردىكى مۇھەببەت - نەپرەت، خۇشاللىق، قايغۇ دېگەنلەرنى توغرا ئىپادىلەپ ھامىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈملۈك ئوقۇغاندا، تىلغا نىسبەتەن سىزنىڭ بەش ئەزايىڭىزنى ئوبرازلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كونكرېت ھالدا ھامىلە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ھامىلە سىزنىڭ تىلىڭىزنى بەدىنى ئارقىلىقلا ئەمەس مېڭىسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرمۇشىنى گۈزەل - سەنئەت تۈسىگە كىرگۈزۈپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھېسسىياتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. بۇ يالغۇز ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئاتا - ئانىلار قانداр قىلغاندا تىل ئارقىلىق ھامىلە Шىلەن ئالاقىلىشالايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki