نېمە ئۈچۈن ئاۋازسىز تاپانچىنى ئاتقاندا ئاۋازى چىقمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاۋازسىز تاپانچا ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي <ئاۋازسىز> ئەمەس، پەقەت ئوق ئاتقاندىكى ئاۋازى ئادەتتىكى تاپانچىلاردىن خېلىلا تۆۋەن، خالاس. شۇڭا، ئۇنى ئاۋازى تۆۋەن تاپانچا دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق.
ئاۋازسىز تاپانچىنى ئاتقاندا نېمە ئۈچۈن <ئاۋاز چىقايدۇ> غانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تاپانچىنى ئاتقاندا نېمە سەۋەبتىن ئاۋاز چىقىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. ئادەتتىكى تاپانچىلارنىڭ ئوقى ئېتىلغاندا، ئوقلۇقتىكى پوروخ گازى پەيتلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى بېسىم ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە تاپانچا ئېغىزىدىن شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ پوروخ گازىنىڭ تاپانچا ئېغىزى ئەتراپىدىكى ھاۋاغا شىددەتلىك ئۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە قاتتىق سادا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوق ئۇچىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن خېلىلا تېز بولغاچقا، ۋىژىلداپ شاۋقۇن چىقىرىدۇ. شۇڭا، تاپانچا ئوقى ئېتىلغاندىكى ئاۋازنى پەسەيتىشتە، ئوقلۇق ئىچىدىكى پوروخ گازىنىڭ بېسىمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىش بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.
ئاۋازسىز تاپانچىنىڭ ئىستوۋۇل ئېغىزىغا ئادەتتە سىلىندىر تۇرۇبىسىمان ئاۋاز پەسەيتكۈچ ئورنىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. ئوق ئېتىلغاندىن كېيىن، تاپانچىنىڭ ئوقلۇقى ئىچىدىكى پوروخ گازى مۇشۇ ئۇششاق پەسەيتكەچىنىڭ ئىچىگە تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پوروخ گازى تاپانچا ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىققاندا، بېسىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن تاپانچىنىڭ ئاۋازى ئانچە بەك چىقمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋازسىز تاپانچىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوقمۇ ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوق ئىچىدىكى پوروخنىڭ كۆيۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، بۇمۇ پوروخ گازى ئېتىلىپ چىققاندىكى سادانى تۆۋەنلىتىدۇ. پوروخ گازى بىسىمنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئوق ئۇچرايدىغان ئىتتىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، ئوقنىڭ ئېتىلىش تېزلىكىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاۋازنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىدىنمۇ ئاستا بولىدۇ، شۇڭا ئوق ئۇچقاندا ۋىژىلدىغان شاۋقۇن چىقمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوقنىڭ ئېتىلىش سۈرئىتى تېز بولمىغان ئاۋازسىز تاپانچىنى يېقىن تۇرۇپ ئېتىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.