UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئىشلىتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئىشلىتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دېگەنلىك، ئادەم ھەيدىمەيدىغان ئايروپىلاننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ باشقا ھەربىي ئايروپىلانلارغا ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، ھاۋا بوشلۇقىدا زادى قانداق ئۇچىدۇ؟ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى پەقەت بىر نەچچە مېتىرلا كېلىدۇ. ئۇ باشقا ھەربىي ئايروپىلانلاردىن خېلى كىچىك. بىراق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رولى چوڭ بولۇپ ھەتتا باشقا نۇرغۇن ئايروپىلانلارنىڭ ئورۇندىشى تەس بولغان ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندىيالايدۇ. ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئاساسلىقى رازۋېدكا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئايروپىلانغا تېلېكامېرا، لازېرلىق يورۇتقۇچ ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، جەڭ مەيدانىنى تېز، توغرا كۆزىتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇچۇرنى قوماندانلىق شىتابىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھەجىمى ئىتايىن كىچىك بولغاچقا، ئاسماندا ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنى دالدىغا ئالالايدۇ. گەرچە دۈشمەن تەرىپىدىن بايقىلىق قېلىپ، ئوت كۈچى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، زىيان ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنە <ئازدۇرغۇچى يەمچۈك> ئورنىدا دۈشمەننىڭ رادار ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئوت كۈچىنى ئازدۇرۇپ نىشاننى ئاشكارىلاتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە توغرا ھۇجۇم قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغۇلىدۇ. بەزىدە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنە ئېلېكترونلۇق كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ، ھاۋا بوشلۇقىدىن دۈشمەننىڭ ئېلېكترونلۇق سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا گەرچە ئۇچقۇچى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ ھاۋا بوشلۇقىدا قارىغۇلارچە قالايمىقان ئۇچمايدۇ. ئۇنى ئاپتۇماتىك ھەيدەش ئۈسكۈنىسى باشقۇرىدۇ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش لىنىيىسى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپيوتېر سىستېمىسى تىزگىنلەشكىمۇ بولىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى يەنە رادىئو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يىراقتىن تىزگىنلەشكىمۇ بولىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئادەتتە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقىدا <قويۇپ بېرىدۇ> غانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقى كۈچەيتىلگەن. بۇنداق <ئانا ئايروپىلان> دىن ئۇچۇپ چىقىش شەكلى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ چوڭ ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ!
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايروپىلان ئىشلىتىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki