UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىزگە چۈشىنىشلىك، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ جايلىشىش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ يۈزىنى كۆزەتكىنىمىزدە، شىر، يولۋاس، قاپلان قاتارلىق يىرتقۇچ گۆشخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى بېشىنىڭ دەل ئالدى تەرىپىدە: كالا، قوي قاتارلىق رايىش ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىزگە مەلۇم، گۆشخور ھايۋانلار ئادەتتە ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، ئولجىنى بايقىغان ھامان جان - جەھلى بىلەن قوغلايدۇ، بۇ چاغدا ئىككى كۆزى نىشانغا تىكىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئارىلىقنى توغرا مۆلچەرلەپ بېرىدۇ. ئوتخور ھايۋانلار بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆزى بىلەن ئەتراپىنى تولۇق كۆزىتىپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقاپ تۇرىدۇ. ئېھتىمال بەزىلەر مۈشۈكئېيىق بامبۇكنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولىدۇ، دەپ سورىشى مۇمكىن، ئەسلىدە، مۇشۈكئېيىقمۇ گۆشخور ھايۋان بولۇپ، كېيىن ئۇ يېتەرلىك ئولجا تۇتۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ بامبۇك يېيىشكە ئادەتلەنگەنىكەن. ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، كۆزىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆزى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki