UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېر قاتناشنى قانداق باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قوماندانلىق قىلىدۇ؟

كومپيۇتېر قاتناشنى قانداق باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قوماندانلىق قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن شەھەرلەردە، قاتناش باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىشتا <كومپيۇتېر ئارقىلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىش تور سىستېمىسى> ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كومپيۇتېر مەركىزى، قاتناش قىستاڭ جايلارغا ئورنىتىلغان تېلېكامېرا، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكترونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش كارتىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇ <ئېلېكترونلۇق ساقچى> غا ئوخشاش قاتناش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا <ئىگىلەپ>، قاتناش ھادىسىلىرىنى <بىر تەرەپ قىلىپ>، قاتناش تەرتىپىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، تاشيولدا ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، قاتناشنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلار يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇ يول بۆلىكىگە ئورنىتىلغان تېلېكامېرا بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېر مەركىزىگە مەلۇم قىلىدۇ. كومپيۇتېر مەركىزى شۇ ھامان ھادىسە يۈز بەرگەن جايغا ئەڭ يېقىن قاتناش ساقچىسىغا مەلۇم قىلىپ، نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. كومپيۇتېر مەركىزى يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، رادىئو ئىستانىسىسى ۋە يول بويىدىكى ئېلېكترونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى شوپۇرلارغا ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئايلىنىشى مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كومپيۇتېر مەركىزى ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ ساقلاپ قويىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ كوميۇتېر ئارقىلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىش تورىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ دائىم پەس ئۇچۇپ، كومپيۇتېر مەركىزىنىڭ شەھەر قاتناش ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە، ئەھۋال ئىگىلىشىگە، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، تېز بىر تەرەپ قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كومپيۇتېر قاتناشنى قانداق باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قانداق قوماندانلىق قىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki