UyghurWiki
UyghurWikiنەمەباش سۈيى بالدۇر يېرىلسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

باش سۈيى بالدۇر يېرىلسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، ھامىلىدار ئاياللار ھەر ۋاقىت ھەر زامان بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى؛ نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالسا، مەسىلەن، باش سۈيى يېرىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك. تۆرەلمە قېپى بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىغا جايلىشىپ يېرىلغاندا، باش سۈيى چىقىدۇ. بۇ ھامىلە تۇغۇلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى يەتتە سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېڭىيىدۇ. بىراق بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللاردا بالىياتقۇ تارايماي، سۈيدۈك چىقىرىلماي، جىنسىي يولدىن سۇ كېلىش ئەھۋاللىرى تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن يەنە سۇيۇقلۇق چىقسا، ھامىلىنىڭ باش سۈيى پەردىسى يىرتىلغانلىقىدىن گۇمان قىلسا بولىدۇ. بۇ باش سۈيىنىڭ يوقىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە پەردىسى بالدۇر يېرىلغاندىن كېيىن، كۆپ ئەھۋاللاردا، تەرتىپلىك ھالدا بالىياتقۇ تارىيىشقا باشلايدۇ. بىراق بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن بالىياتقۇ تەرتىپلىك ھالدا تارىيىشقا باشلىغانلار، تەجرىبىسى يوق ھامىلىدار ئاياللار دائىم بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. تۆرەلمە پەردىسىنىڭ يىرتىلىشى سەۋەبلىك، باش سۈيى چىقىپ، بالىياتقۇ ئىچى بىلەن تاشقى دۇنيا جىنسىي يول ئارقىلىق تۇتىشىدۇ، باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئوڭايلا بەدەنگە كىرىپ، بالىياتقۇنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار قىزىپ، باش سۈيى دۇغلىشىپ غەيرىي پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملىنىپ سېپتىتسىمېيە (قان چىرىش) يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، باش سۈيى بالدۇر يېرىلىش كۆرۈلگەندە پات ئارىدا كۆزى يورۇيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار دەرھال دوختۇرخانىدا يېتىشى كېرەك (20%~30% گىچە بولغان ھامىلىدار ئاياللاردا كۆزى يورۇشتىن ئىلگىرى تۆرەلمە پەردىسى بالدۇر يىرتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار نەمە