نېمە ئۈچۈن <سوغۇق قارا قىشتا، ئىسسىق تومۇزدا> بولىدۇ دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال نېمىنىڭ <قارا قىش> نېىنىڭ <تومۇز> ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە <قارا قىش> دېگەندە قىشنىڭ كۈن - تۈن توختىغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى چىللە، يەنى تەخمىنەن ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 20 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىگىچە بولغان اقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <تومۇز> دېگەندە باش تومۇز، ئوتتۇرا تومۇز ۋە ئاخىرقى تومۇر كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئادەتتە ھەر يىلى يازلىق كۈن - تۈن توختىغاندىن كېيىنكى تومۇزنىڭ 27 - كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، ۋاقتى تەخمىنەن بىر ئاي بولىدۇ.
بىر يىلدا قىشلىق كۈن - تۈن توختاش ۋاقتى شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈزى ئەڭ قىسقا، كېچىسى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىغان بىر كۈن، بۇ بىر كۈندە يەر يۈزىگە قۇياش نۇرى ئەڭ ئاز چۈشىدۇ، لېكىن قىشلىق كۈن - تۈن توختىغان ۋاقىت پۈتۈن بىر يىلدىكى تېمپېراتۇرا ئەڭ تۆۋەن بىر كۈن ئەمەس، قىشلىق كۈن - تۈن توختاش ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن، گەرچە قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزىراشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلايدۇ. شۇڭا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنىلا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. يەر يۈزى سۈمۈرىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يەر يۈزى تارقاتقان ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن تەڭلەشكەندە، ئاندىن ھاۋا ئەڭ سوغۇق بولىدۇ، بۇ ۋاقىت تەخمىنەن ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىت <قارا قىش> دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش يازلىق كۈن - تۈن توختىغان كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۈندۈزى ئەڭ ئۇزۇن، يازلىق كۈن - تۈن توختىغان ۋاقىتتىن كېيىن، يەر يۈزىگە چۈشىدىغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئازىيىشقا باشلىسىمۇ، يەنىلا يەر يۈى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقتىن كۆپ بولىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى يەنىلا داۋاملىق تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى (تومۇز) غا كەلگەندە، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىش بىلەن چىقىرىدىغان نىسبىتى تەڭپۇڭ ھالەتكە ئۆتىدۇ، بۇ چاغدا دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ كۈنلەر ئەڭ ئىسسىق كۈن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن <ئىسسىق تومۇزدا> بولىدۇ دېيىلىپ كەلگەن.