UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا ABO قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

قانداق ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا ABO قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىش كېسىلى ئانا - بالا قان تىپى ماس كەلمىگەنلىكتىن قان گۇرۇپپا ئانتىگېنى ئېممۇنىتېتى شەكىللىنىشتىن كېلىپ چىققان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوخشاش ئىممۇنىتېتلىق قان ئېرىشنى [HJ55x] كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەل تۆرەلمە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ. ئاساسلىقى ABO قان ئېرىش ۋە Rh قان ئېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ABO قان ئېرىش تەخمىنەن 85% نى، Rh قان ئېرىش تەخمىنەن 15% نى ئىگىلەيدۇ. ئانا - بالا قان تىپى ماس كەلمەسلىك بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ سەۋەب. تۆرەلمە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئاتا تەرەپتىن ئانىدا بولمىغان ئانتىگېنغا ئېرىشىپ، تۆرەلمە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئانىنىڭ قان ئايلىنىشىغا كىرگەندىن كېيىن ئانا تېنىدە ماس قان گۇرۇپپا ئانتىتېلاسى ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئانىتىتېلا يەنە بالا ھەمراھى ئارقىلىق تۆرەلمە قان ئايلىنىشىغا كىرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ماس ئانتىگېن بىلەن بىرىكىپ، تۆرەلمە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ABO قان ئېرىش ئانا O قان تىپلىق، تۆرەلمە A ياكى B قان تىپلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەنى ئانا O قان تىپلىق، ئاتا A، B ياكى AB قان تىپلىق بولسا بوۋاقتا ئاسانلا ABO قان ئېرىش يۈز بېرىدۇ. ABO قان ئېرىش كۆپىنچىسى يەڭگىل كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. Rh قان ئېرىش ئادەتتە سەل ئېغىرراق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ABO قان ئېرىشتا سېرىقلىق چۈشۈشتىن باشقا ئىپادىلىرى يېنىكرەك بولۇپ، ياخشى ساقىيىدۇ لېكىن سېرىقلىق چۈشۈش ئېغىرراق بولغاندا يادروغا سېرىقلىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا - ئانا چوقۇم بەكرەك ئېتىبار بېرىش كېرەك. Rh قان ئېرىشنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سەل ئېغىر بولۇپ، روشەن قان كەملىك يۈز بېرىش بىلەن سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر - تال ئىششىپ زورىيىش قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە بالىياتقۇدا ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈك تۆرەلمە كېلىپ چىقىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە