UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيودنىڭ ھامىلىگە نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟

يودنىڭ ھامىلىگە نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللاردا يود كەم بولسا ئۆزىگە خەۋپ يېتىپلا قالماي، يەنە ھامىلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئاستا بولۇشىنى، ھەتتا ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كرېتىنزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن كېلىپ چىققان بىرخىل ئېغىر ئاقىۋەت). تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، قالقانسىمان بەز بولسا ھامىلىنىڭ مېڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يودمۇ ھامىلىنىڭ نېرۋا گۇرۇپپىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭە ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلىشىنى، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى، گاس - گاچا ياكى گومۇش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇلۇشى بىلەنلا بويى پاكار، بېشى كىچىك، قۇلىقى پەس بولۇپ قېلىشتەك غەيرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل يود كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار مەزگىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا يود تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە