UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يوغان يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەركەك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يوغان يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەركەك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يىلانبېلىقنىڭ بەدىنى كىچىكلىرى چىشى، بەدىنى چوڭلىرى ئەركەك بولىدۇ، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان كىچىك يىلانبېلىقنىڭ بەدىنىدە تۇخۇمدان بولمىغاچقا، ھەممىسى چىشى بولىدۇ، لېكىن ئاستا - ئاستا چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدىنى تولۇق يېتىلىدۇ ھەمدە تۇخۇملاپ بولغاندىن كېيىن، تۇخۇمدان بارا - بارا چېكىنىپ ئۇرۇقدانغا ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى چىشى يىلانبېلىق ئەركەك يىلانبېلىققا ئۆزگىرىدۇ. چىشى يىلانبېلىقنىڭ يېتىلىش مەزگىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا، توم - يوغان يىلانبېلىقلار ئومۇمەن ئەركەك بولىدۇ. چىشى يىلانبېلىقلار ئەركەككە ئۆزگىرىپ كەتسە، قانداق تۇخۇملايدۇ؟ قانداق كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان چىشى يىلانبېلىق تولۇق يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۇخۇملاپ بولغاندىن كېيىنلا جىنسىي جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. يىلانبېلىقلارنىڭ چىشىدىن ئەركەككە ئۆزگىرىشى بىئولوگىيىدە تەتۈرىگە يېنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. باشقا بېلىق تۈرلىرىدە تەتۈرىگە يېنىش ئەھۋالى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، كۆپ بولسا قوش جىنىسلىشىش ئەھۋاللىرىلا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، دېڭىزدا ياشايدىغان يوغانباش ترېسكا بېلىقى، سېلىد بېلىقى، كامبالا بېلىقى قاتارلىقلاردا ھەم چىشى جىنسىي بېزى، ھەم ئەركەك جىنسىي بېزى بولىدۇ، بۇ بەزلەر بەزىلىرىنىڭ بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بەدىنىنىڭ بىرلا تەرىپىدە بولىدۇ. بۇ بېلىقلار ئۆز بەدىنىدىن ئۇرۇقلىنالايدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان تۇخۇم بىلەن ئۆزى ئاجرىتىپ چىقارغان ئۇرۇقنى بىرىكتۈرۈپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. يەنە بىر خىل قوش جىنىسلىق كۆك چىپار بېلىق بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقدىنىدا كۆپ ھاللاردا بېلىق تۇخۇمىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن يوغان يىلانبېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەركەك بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki