UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۆت ئايلىق بوۋاقلارغا تۆمۈر قانداق تولۇقلىنىدۇ؟

تۆت ئايلىق بوۋاقلارغا تۆمۈر قانداق تولۇقلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندا، يالغۇز ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتىگە تايىنىپلا ئۇلارنىڭ تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن چوقۇم تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق بوۋاققا تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك. تۆمۈر مىقدارى مولراق بولغان يېمەكلىكلەر ھايۋانات تۈردىكى يېمەكلىكلەر ۋە ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر مەسىلەن: جىگەر، ئورۇق گۆشلەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى مولراق، بوۋاقنىڭ سۈمۈرۈشىگىمۇ ئاسانراق. ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر مەسىلەن: پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قۇش تۇخۇمى تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ تۆمۈر مىقدارى مولراق لېكىن سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنرەك. مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن C بار، ۋىتامىن C بولسا تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاقلارغا تۆمۈر مىقدارى يۇقىرىراق بولغان كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە