نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يەر ئاستىدا كۆپ مىقداردا كۆمۈر بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يەر ئاستىدا ناھايىتى كۆپ مىقداردا كۆمۈر كېنى ساقلانماقتا. بۇ يەردىكى كۆمۈر زاپىسى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتى دۇنيادىكى داڭلىق كۆمۈر كانلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەر مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: كۆمۈر قەدىمىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقى بولۇپ ئۇ يەر قاتلىمىدىكى ئىسسىق ۋە نەم شارائىتتا نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزۈپ تەدرىجىي ھالدا كۆمۈرگە ئايلانغان. لېكىن جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ كىلىماتى سوغۇق، ئۇ يەردە گىياھمۇ ئۆسمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ يەر ئاستىدا شۇنچە كۆپ كۆمۈر بولسۇن؟
ئەسلىدە، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يەر ئاستىدىكى كۆمۈر باشقا رايونلاردىن لەيلەپ كەلگەن. بۇنىڭدىن 570 مىليون يىللار بۇرۇن، جەنۇبىي قۇتۇپ (ئانتاركتىكا)، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى، ئاۋسترالسىيە، ھىندىستان ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇتىشاتتى ۋە <گوندۋانا قەدىمىي قۇرۇقلۇقى> دەپ ئاتىلاتتى.
بۇ قەدىمىي قۇرۇقلۇقتا كىلىمات ئىللىق بولۇپ، نۇرغۇن پتېرىدسىمان ئۆسۈملۈكلەر ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق چىرىغاندىن كېيىن كۆمۈر بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىر جەنۇبىي قۇتۇپتا بايقالغان كۆمۈرلۈك دەل ئاشۇ گېئولوگىيىلىك دەۋردە شەكىللەنگەن. كېيىن ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرىگە كەلگەندە، يەر شارىنىڭ ئىچكى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن گوندۋانا قەدىمىي قۇرۇقلۇقى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا - ئافرىقا ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ - ئاۋسترالىيە - ھىندىستان قۇرۇقلۇقى بولۇپ ئايرىلغان. بۇ قۇرۇقلۇقلار ئايرىلىپ لەيلەپ كۆچكەندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى قاتارلىقلار لەيلەپ يۆتكىلىپ ھازىرقى ئورنىغا يېتىپ كەلگەن. ئانتاركتىكا جەنۇبىي قۇتۇپقا قاراپ لەيلەپ ئەڭ ئاخىرى ھازىرقى ئورنىغا بېرىپ، يەر شارىدىكى ئەڭ سوغۇق چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاستىدىكى ھەر خىل قېزىلما بايلىقلار (جۈملىدىن كۆمۈر) مۇ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرگە يېڭى جايغا كۆچۈپ بارغان. مانا بۇ جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يەر ئاستىدا شۇنچە كۆپ مىقداردا كۆمۈر زاپىسىنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.