UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۈچ - تۆت ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ قانداق مۇھىم نۇقتىلىرى بار؟

ئۈچ - تۆت ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ قانداق مۇھىم نۇقتىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق ئۈچ ئايغا تولغاندىن كېيىن پۇت - قولىنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقتىن ئاستى - ئۈستى ئايرىم كىيىملەرنى كىيدۈرۈش لازىم. ئۈچ - تۆت ئايلىق بوۋاقلار ئاسانلا تەرلىگەنلىكتىن بەك قېلىن يوتقان ياپماسلىق، پەقەت چوڭلار بىلەن ئوخشاش بولسىلا بولىدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئۇخلىغاندا تەرلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 2. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنى سىرتقا ئەپچىقىپ ئايلاندۇرغاچ كۈن نۇرى مۇنچىسى ۋە ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرسە، سىرتتىكى ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا ھەر كۈنى سىرتتىكى ۋاقىت ئەڭ ئاز بولغاندا بىر سائەت ئەتىراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدىنى ئېغىرراق بولسا، بوۋاقنى ھارۋىغا سېلىپ سىرتقا ئەپچىقىپ ھەرىكەتلەندۈرسە بولىدۇ. 3. بوۋاق تۆت ~ ئالتە ئايلىقتىن باشلاپ چىشى چىقىشقا باشلاپ شۆلگىيى كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 4. ئۈچ - تۆت ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ئويۇنچۇقلارنى قولغا ئېلىۋېلىشقا ياكى ئاغزىدا چىشلەشكە ئامراق بولىدۇ، شۇڭا ئويۇنچۇق تاللاپ سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىش كېرەك. 5. بوۋاقتا ياخشى بولغان تەرەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرى كۆپرەك بولۇپ، ئاۋايلاپ تازىلاپ ئاسراش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۈچ - تۆت ئايلىق بوۋاقلارنى كۈتۈشنىڭ قانداق مۇھىم نۇقتىلىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki