UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق 28 ھەپتىلىكتىن چوڭ 37 ھەپتىلىكتىن كىچىك (196 ~ 925ۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 37 - ھەپتىدە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشى، ئاي - كۈنى تولغان بوۋاقلارغا يېقىنلاشقاچقا ئۆتكۈنچى ئاي كۈنى تولغان بوۋاق دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 5.2 كىلوگرامدىن تۆۋەن، بويى 47 سانتىمېتىردىن پاكار، بەدىنى ئاجىز، يىغا ئاۋازى پەس؛ تېرىسى قىزىل، يۇمشاق، چېچى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم كۆپ، قۇلاق سۇپۇرىسى يۇمشاق، پۇت - قولنىڭ كېرىلىش كۈچى تۆۋەن، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق ئەمەس، پۇت سىزىقچىلىرى ئاز بولىدۇ، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردەم - بىردەم نەپىسى توختاپ قالىدۇ؛ يۇتۇش رېفلېكىسى ئاجىز، ئاسان سۈتتىن قېقىلىپ كېتىدۇ؛ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى كەمچىل، تېرە ئاستىدا ماي ئاز، ئاسان ئىسسىقلىق قويۇۋېتىدۇ؛ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى چۈشمىگەن ياكى تولۇق چۈشمىگەن، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لېۋى كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالمايدۇ. شۇڭا بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ئالاھىدە كۈتۈشكە، دوختۇرخانىدا كۆزىتىشكە موھتاج.
← بارلىق تېمىلار نەمە