UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېشىل يېمەكلىك دېگەن نىمە؟

يېشىل يېمەكلىك دېگەن نىمە؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر يېشىل يېمەكلىك، يېشىل رەڭلىك يېمەكلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. يېشىل يېمەكلىك دېگىنىمىز، بىخەتەر، بۇلغانمىغان يېمەكلىكلەردۇر. فىنلاندىيە، شۋېتسىيىدە يېشىل يېمەكلىك ئېكولوگىيىلىك يېمەكلىك دەپ ئاتىلىدۇ، ياپونىيىدە بولسا تەبىئىي يېمەكلىك دەپ ئاتىلىدۇ، ئېتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمكان بار خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە باشقا خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلەتمەي ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. يېشىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، سۈپەت ۋە ئوراش ھەققىدە بەلگىلىك ئۆلچەم بار. بىرىنچىدىن، يېشىل يېمەكلىكنىڭ خام ئەشيا ئىشلەپ چىقىرىلغان يېرى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بۇلغانمىغان جاي بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، خام ئەشيانى تېرىش، بېقىش پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش، مەشغۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىكتىكى خىمىيىلىك ماددىنىڭ تەركىبى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مەھسۇلاتنىڭ ئورىلىشى ۋە توشۇش جەريانى يېشىل يېمەكلىكلەرنى ئوراش، توشۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاخىرىدا مەھسۇلات دۆلەتنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى ئۆلچىمىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن سېتىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى ئورالمىسىغا بىرلىككە كەلگەن، ئالاھىدە بېكىتىلگەن يېشىل يېمەكلىك بەلگىسى سېلىنىشى لازىم. بۇ بەلگە ئۈستى تەرەپ قۇياش، ئاستى تەرەپ يوپۇرماق ۋە غۇنچىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. پۈتكۈل سۈرەتتە ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئىناقلىق، جانلىقلىق ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇ، كىشىلەرگە يېشىل يېمەكلىكنىڭ ساپ، ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتىن كەلگەنلىكىنى، بىخەتەر، بۇلغانمىغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يېشىل يېمەكلىك بەلگىسىنى كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ۋە مەھسۇلاتلار ئىشلىتەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە