UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارنىڭ پاكىزلىق ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

بوۋاقلارنىڭ پاكىزلىق ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن پاكىزلىق ئادىتىنى يېتلدۈرۈش بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئاۋۋال بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئۇلانىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، پاكىزلىققا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئاندىن، بوۋاقتا پاكىزلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ئىش ئۇققاندىن كېيىن ئاسانلا پات - پات قولىنى يۇيۇپ تۇرۇش، مەينەت نەرسىلەرنى يېمەيدىغان ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بوۋاقلاردا پاكىزلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. ئاۋۋال، بوۋاقنىڭ بەدىنى ۋە كىيمىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، پات - پات زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يۈز - قولىنى يۇيۇپ تۇرۇش، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەم قەرەللىك تۈردە بوۋاقنىڭ بېشىنى، بەدىنىنى يۇيۇش، تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرۇش، ئاندىن، بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى پاكىزلىق ئادىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق تېخى ئىش ئۇقمايدىغان بولۇپ، دائىم قورقۇش ۋە يۈرەكسىزلىك روھىي ھالىتى بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ھەرگىز مەجبۇرلىماسلىق، ئەكىسچە كۆپ ئىلھام بېرىش، قايتا - قايتا تەربىيە قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا - ئانا چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ، ھەممە ئىشتا ئۈلگىلىك رول ئويناش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارنىڭ پاكىزلىق ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki