نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېرىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان نورمال بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمشاق، سىرتقى يۈزىدىكى مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز، تېرە قەۋىتىنىڭ ئاستىدىكى قىل قان تومۇرلار مول، مۇداپىئە ئىقتىدارى ناچار، شۇڭا ئاسانلا يارىلىنىدۇ ھەمدە يارىلانغان ئورۇندىن ئاسانلا باكتېرىيە كىرىپ، يېنىك بولغاندا قىسمەن تېرە يۇقۇملىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا بەدەنگە تارقىلىشى مۇمكىن (يەنى سېپتىتسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ) شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن تېز، كۈندە ئاجرىتىپ چىقارغان تەر، سۈيدۈك ھەم ياش قاتارلىقلار تېرىسىنى غىدىقلايدۇ. ئەگەر تېرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا، تېرە قورۇقلىرىدىكى يەنى قۇلاق كەينى، بويۇن، قولتۇق ئاستى، يىرىق قاتارلىق ئورۇنلار ئاسانلا چىرىيدۇ ھەتتا يۇقۇملىنىدۇ. كاسسىسى زاكا بىلەن ئورىلىپ تۇرغاچقا، ۋاقتىدا پاكىزلاپ تۇرمىسا، ئاسانلا زاكا ئەسۋەسىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ سۈت، تەر، سۈيدۈك ۋە تەرىتىنى دائىم يۇيۇپ تازىلاپ تۇرۇش، ئامال بار بوۋاقلارنى كۈندە يۇيۇش ۋە ئەتىگەن كەچتە يۈز - قولى ۋە بىلىكىنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.