UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىگە يەتمىدى دېسەكمۇ لېكىن ئىنتايىن سەزگۈرلىشىپ بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۈزە بىلمەكچى بولساق، چوڭلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىغا تەقلىد قىلىپ، كىچىك قەغەز قۇتىغا ئازراق گۈرۈچ سېلىپ، بوۋاق قۇلىقىدىن ئون سانتىمېتىر ئەتراپىدا يىراقلىقتا تۇرۇپ مىدىرلىتىپ ئاۋاز چىقارساق، نورمال ئەھۋالدا بوۋاقلار ھوشيار ھالەتتە تۇرۇپ بېشىنى كىچىك قۇتا تەرەپكە بۇرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بارلىقى ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن: يىغلاۋاتقان بوۋاق ئەگەر ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا يىغىسىدىن ۋاقىتلىق توختايدۇ، ئەگەر ئاپىسىنىڭ ئاۋازى توختاپ قالسا يەنە يىغلاشنى باشلايدۇ. ئاتا - ئانىلار ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى، شۇنداقلا قۇلاق تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم خالىغانچە كولىماسلىقى، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان داۋالىتىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە