UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ كەينى چاقى قوزغاتقۇچ چاق قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ كەينى چاقى قوزغاتقۇچ چاق قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە جايلاردا ئىشلىتىلىدىغان بەزى ئاپتوموبىللاردىن باشقا كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ كەينى چاقى قوزغاتقۇچ چاق، ئالدى چاق يول باشلاش چاقى قىلىنىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچى، ئاپتوموبىل بىر قەدەر چوڭ تارتىش كۈچىگە ئىگە بولماقچى بولىدىكەن، قوزغاتقۇچ چاق يەر يۈزى بىلەن بىر قەدەر چوڭ بولغان جىپسىلىشىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، قوزغاتقۇچ چاقىنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان يۈك بىر ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئادەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدى چاقى ئومۇمىي ئېغىرلىقنىڭ تۆتتىن بىرىنى، كەينى چاقى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى كۆتۈرىدۇ، شۇڭا كەينى چاق قوزغاتقۇچ چاق قىلىنغاندا ئەڭ چوڭ تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنىڭ <ئالدى ئېغىر، كەينى يېنىك> قىلىپ لايىھىلەنمەي <ئالدى يېنىك، كەينى ئېغىر> قىلىپ لايىھىلىنىدۇ؟ ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ <ئالدى ئېغىر، كەينى يېنىك> بولۇپ قالسا، ئېگىزگە قاراپ ماڭغاندا بەكمۇ كۈچەپ كېتىدۇ، تۆۋەنگە ماڭغاندا ئالدىغا مۇللاق ئېتىپ كېتىش خەۋپى بار، بولۇپمۇ بۇ خىل خەتەر ماشىنىنى تومۇزلىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئالدى چاقنى يول باشلىغۇچى چاق قىلغاندا شوپۇرنىڭ باشقۇرۇشىغا قۇلايلىق بولىدۇ. ئەگەر ئالدى چاق ھەم يول باشلىغۇچى چاق، ھەم قوزغاتقۇچ چاق قىلىنسا، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بەكمۇ مۇرەككەپ لايىھىلىنىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى، ئاپتوموبىلنىڭ تومۇز زاپچاسلىرى كەينى چاققا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنى تومۇزلىغاندا ئاندىن تەكشى توختايدۇ. ئەگەر ئالدى چاق قوزغاتقۇچ چاق قىلىنسا، تومۇزنىڭ ئۈنۈمى مۇقەررەر ھالدا چوڭ بولمايدۇ، ئالدى چاق تورمۇزلانغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ كەينى يېرىمىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، چوڭ خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاپتوموبىل لايىھىلىگۈچىلەر كەينى چاقنى قوزغاتقۇچ چاق قىلىدۇ ھەمدە تورمۇز زاپچاسلىرىنى كەينى چاققا لايىھىلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئاپتوموبىل قوزغاتقۇچ چاقنى تومۇزلايدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىل بىخەتەر، سىلىق توختايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە