UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟

بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلىق مەزگىل ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، كۆزىتىش بولسا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يول، كۆزىتىش بولمىسا ئاكتىپ تەپەككۇر بولمايدۇ. مول تەسەۋۋۇرنىڭ شەكىللىنىشى ناتايىن. كۆزىتىش ئارقىلىق بالىلاردا ئاندىن شەيئىلەرگە قارىتا ئېنىق تونۇش بولىدۇ. بالىلار شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە ئاساسلىقى ھەرخىل سەزگۈ ئەزالىرىغا تايىنىدۇ. يەنى كۆز بىلەن كۆرىدۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلايدۇ، بۇرۇن بىلەن پۇرايدۇ، ئېغىز بىلەن تېتىيدۇ، قول بىلەن تۇتىدۇ. ئۇ بىر تال گۈلنى كۆزەتكەندە بۇ گۈلنىڭ قىزىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. پۇراپ بېقىپ ناھايىتى مەززىلىك پۇرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تۇتۇپ بېقىش ئارقىلىق گۈل بەرگىنىڭ يۇمشاق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بالىلار كۆزىتىش جەريانىدا سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنى تونۇيدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا كۆپرەك كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي يەنە كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك. مەسىلەن: بىز ئۈزۈۋاتقان تاپانبېلىقنى كۆزەتكەندە بىر پۈتۈنلۈكتىن قىسمەنلىككىچە، بېشىدىن - قۇيرۇقىغىچە ياكى ئاستىدىن - ئۈستىگىچە كۆزىتىشنى تەرتىپ بىلەن ئۆگىتىش كېرەك. بىر پۈتۈنلۈكتىن قارىغاندا تاپانبېلىقنىڭ بەدىنى يانتۇ، بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ، پۈتۈن بەدىنىدىكى قاسىراق پارقىراق كۆرۈنىدۇ. بېشىدىن باشلاپ كۆزەتكەندە باش قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن كۆز بارلىقىنى، ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىغىراق جايلاشقانلىقىنى، توختىماستىن ماكىلدىتىپ كۆپۈكچىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى، قۇيرۇقىدا پالاقچىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆت - بەش ياشلىق بالىلاردىن كۆزەتكەن ئاددىي مەزمۇنلارنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بەش - ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ كۆزەتكەن مەزمۇنلىرى بىر ئاز چوڭقۇر بولىدۇ. مەسىلەن: تاپانبېلىقنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە ساقاق (سۇ ھايۋانلىرىنىڭ نەپەسلىنىش ئورنى) ياپقۇچى بارلىقىنى، تاپانبېلىقنىڭ ساقاقتىن پايدىلىنىپ نەپەسلىنىدىغانلىقىنى، قۇيرۇقىدىكى پالاقچا ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى، سۇدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۈزۈپ ئېنىق قىلىش ئۈچۈن سېلىشتۇرما ھالەتتىكى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بولمىغان بېلىقلارنى بىر يەرگە قويۇپ تۇرۇپ، ئۇلاردىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقىنى تاپقۇزغاندا بالىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدۇرىدۇ. بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ كۆزىتىش قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە