يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قۇلىقىدىن نېمە ئۈچۈن سېرىق سۇ ئاقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قۇلىقىدىن سېرىق سۇ ئېقىش دائىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يىغلاش ۋە ئەمگەندىن كېيىن سۈت ياندۇرۇشتىن ئاسانلا كۆز يېشى ۋە سۈت قۇلاق ئىچىگە ئېقىپ كىرىپ كېتىپ ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇغاندا قۇلاق ئىچىگە سۇ كىرىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئېمىتىپ بولۇپ يانچە ياتقۇزۇش، مەينەت سۇيۇقلۇقلارنىڭ قۇلاق ئىچىگە ئېقىپ كىرىشىدىن ساقلىنىش، يۇغاندا سىرتقى قۇلاق يولىنى ئېتىۋېلىپ، قۇلاق ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىرتقى قۇلاق يولىدىن سېرىق سۇ ياكى يىرىڭلىق ئاجىراتمىلار ئېقىپ چىقسا ھەم سېسىق پۇرىسا، بۇ سىرتقى قۇلاق يول ياللۇغى بولىدۇ. دېزىنفېكسىيىلەنگەن پاختا پىلتىكۈچ بىلەن ئاجراتمىلارنى سۈرتۈۋېتىپ، 3% لىك قوش ئوكسىگېنلىق سۇنى قۇلاق ئىچىگە تېمىتىپ ئاندىن يەنە پاختا پىلتىكۈچ بىلەن پاكىز سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن خلورومىتسېتىن گلىتسىرىنىنى ھەر قېتىمدا بىر تامچىدىن ئىككى تامچىغىچە، كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە تېمىتىپ قويسا بولىدۇ. بىر ھەپتە ئەتراپىدا ساقىيىپ كېتىدۇ.