UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن قايسى خىل كۈندىلىكتۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاشكېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن قايسى خىل كۈندىلىكتۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھازىرلاش كېرەك: 1. كىيىم - كېچەك تۈرىدىكى بۇيۇملاردىن بەدەنگە چىپ كېلىدىغان ئىچ كىيىم، تاش كىيىم، پاختىلىق كىيىم، پاختىلىق جىلىتكە، پايپاق، پەلەي ھەمدە پىندىك (قورساق ئاسرىغۇچ) قاتارلىقلارنى، يوتقان - كۆرپە قاتارلىق بۇيۇملاردىن بوۋاق كارىۋىتى، يوتقان، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان يوتقان، كىرلىك، بوۋاقلار ئەدىيىلى ھەم گرېلكا قاتارلىقلار. 2. يۇيۇنۇش بۇيۇملىرىدىن بوۋاقلارنى يۇيۇش ۋاننىسى، سۇ تېرمومېتىرى، بەدەن تېرمومېتىرى، سوپۇن ياكى بوۋاقلارنى يۇيۇش سوپۇنى، داكا، لۆڭگە، ئۇپا، تىرناق ئالغۇچ ۋە پاختا پەلكۈچى قاتارلىقلار. 3. تازىلىق بۇيۇملىرىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكلىق كۇسىرى، داكا زاكا، ھۆللۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زاكا تەگلىكى قاتارلىقلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تارازا، بويىنى ئۆلچىگۈچ، بوۋاقلار ھارۋىسى قاتارلىقلارنىمۇ بىللە تەييارلىسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە