UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاياللار ھاراق ئىچسە، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولامدۇ؟

ئاياللار ھاراق ئىچسە، سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەممىمىزگە ئايان، ئەرلەر ھاراقنى كۆپ ئىچسە، ئۇرۇقنىڭ شەكلى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇرۇق ئۆلۈپ، ھامىلىدار بولۇشقا ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشاشلا ئىسپىرت تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان ئاياللار 20 كۈندىن كېيىن ھامىلىدار بولسا بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئىسپىرتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشى ناھايىتى تېز، ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاجرىتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورماللىقىنى پەيدا قىلمايدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسپىرت كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىگە زىيانلىق بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلگەن ماددىلار بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ. پەقەت زىيانغا ئۇچرىغان كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى قوبۇل قىلىنىپ چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىنىڭ غەيرىي نورماللىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھاراق بولسا، ھامىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك غەيرى مولېكۇلا بولۇپ، ھاراقنى قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا ۋە ئىستېمال قىلىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، ھامىلىگە بولغان تەسىرىمۇ بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەن ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىگە نىسبەتەن ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تېبابەتتە <ھامىلىنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش سىندورومى> دەپ ئاتىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ھايات قېلىشمۇ مۇمكىن، بىراق دائىم غەيرىي نورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: باش سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى بىنورمال بولۇش، توشقان كالپۇك ياكى يېرىق تاڭلاي، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق گومۇشلۇق كېسىلى ياكى ئىچكى ئەزالارنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە