UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكېيىن تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

كېيىن تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلار 42 ھەپتىلىكتىن (294 كۈن) دىن ئېشىپ كەتكەن بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى خىل ئەھۋالدا بولىدۇ. بىرىنچىسى: ئانىنىڭ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى نورمال ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىلىشى نورمال، پەقەت ھامىلىدار ئانىنىڭ كىچىكىپ تۇغۇشىدىن سەل ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى بوۋاقلار ئادەتتە بەدىنى سەل چوڭ، بوۋاققا قىيىن تۇغۇت كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخمەتتىن باشقا ھېچقانداق ماھىيەتلىك تەسىرى بولمايدۇ. يەنە بىر ئەھۋالدا ئانىنىڭ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلە ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا بىر قاتار غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئۇرۇق، تېرە ئاستى مېيى ئاز، تېرىسى بوش قاتارلىقلار. ئەگەر ھامىلىدە يېنىك دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بولسا ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى كۆپ، يۈرەك سوقۇشى تېز بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بولسا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاستىلايدۇ، ھامىلە تەرەت قويۇپ بېرىپ باش سۈيى سارغۇچ يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ ئارىلاشما باش سۈيىدە تۇرغان ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، پۇت - قولىنىڭ تىرنىقى، كىندىكى ھەم تېرىسى پۈتۈنلەي سارغۇچ يېشىل رەڭگە كىرىپ كېتىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن دەم سىقىلىش ھەم سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بوۋاق يەنە بەك پىشىپ كەتكەن بوۋاق دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كېيىن تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki