ھامىلە تەربىيىسىنىڭ ئۇسۇللىرى قانداق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى بىلەن باغلىقمۇ - يوق؟ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىنچىسى ھامىلە ۋاقتىدا شەكىللەنگەن بولغاچقا، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى بالدۇر، تېز، ياخشى بولۇشىنى ئويلىساق، ئوزۇقلۇق بىلەن ئوكسىگېن بۇنىڭ مۇھىم شەرت - شارائىتى. بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كېلىدىغان خىلمۇخىل ئۈنۈملۈك غىدىقلىنىش بولۇپ، بۇ مېڭىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى، تەربىيىلىنىشىنى ۋە باشقا ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھامىلىنىڭ مېڭىسىنى غىدىقلايدىغان ئامىللار ئاڭسىز ھالەتتە پەيدا بولىدۇ، بەزىدە ئاڭلىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھامىلىنىڭ مېڭىسىگە ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل غىدىقلىنىش بولسا، ھامىلە تەربىيىسىدىن ئىبارەت. ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، بىۋاسىتە ھامىلە تەربىيىسىنى ئۆگىنىش، ھامىلىگە دەرس ئۆتۈش دېگەنلىك ئەمەس، بەزى كىشىلەر ھامىلىدار ئاياللار دائىم مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە، بالىلار كەلگۈسىدە مۇزىكانت بولىدۇ، گۈزەل رەسىملەرگە تولا قاراپ بەرسە، بالا كەلگۈسىدە رەسسام بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ خاتا بولغان ھامىلە تەربىيىسى ئانىنىڭ قوبۇل قىلغان ھەرخىل غىدىقلىنىشى بىۋاسىتە ھالدا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر قىلمايدۇ، ھامىلە تەربىيىسى بولسا ئاساسلىقى ئانىنىڭ ياخشى بولغان غىدىقلىنىشىنى قوبۇل قىلىپ، ياخشى بولغان كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ ئاكتىپ ھالەتتىكى فىزىئولوگىيىلىك پسىخىكا ھالىتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى گەرچە خىلمۇخىل ئۇسۇلى بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى مۇھىم بولغىنىدىن بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئانىنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى ساقلاپ، خۇشال ئۆتۈشىدىن ئىبارەت. ھامىلە تەربىيىسىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇللار: مۇزىكا ئارقىلىق تەربىيىلەش، ئاۋاز ئارقىلىق غىدىقلاش، تېگىش سىزىمى ئارقىلىق غىدىقلاش، ھەرىكەت ئارقىلىق تەربىيىلەش، مۇھىت تەسىرى قاتارلىقلار.